新聞詳情

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار توردا

發表時間:2020-12-20 13:23作者:爱酷艺网來源:新疆日报

2.gif640-59.png

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار توردا قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلو مىسالىدىن 12نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئاشكارىلىدى

يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، توردا قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلو مىسالىدىن 12نى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەمدە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈلۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك تور ئۇچۇرى مەزمۇنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار پىتنە-ئىغۋا، شەھۋانىيلىق، شەھۋەتپەرەسلىك، قىمار قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي بەلگىلىمىلەردە چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى ياساپ، كۆپەيتىپ، تارقىتىپ، ئىقتىسادىي تەرتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تور ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى»، «تور ئۇچۇرى مەزمۇنى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان، ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك تور بېكىتى، سۇپا، ھېسابات نومۇرى ۋە خادىملارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلدى.

  1-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى مۇ Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، تور ئەھلى مۇ Xنىڭ ئۆزىنىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە قەرز پۇل بېجىرىشكە ئالاقىدار ساختا ئېلان ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقانلىقى ھەمدە كۆپلىگەن تور ئەھلىنى ئالداپ، ئۇدا 18 قېتىم دېلو سادىر قىلغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مۇ Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

2-دېلو مىسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ر Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، تور ئەھلى ر Xنىڭ تور سودا سۇپىسى ئارقىلىق مەلۇم ماركىدىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى تۆۋەن باھادا سېتىشنى باھانە قىلىپ، باشقىلارنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 52 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ر Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

3-دېلو مىسالى: فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى چېن X قاتارلىق يەتتە كىشىنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، تور ئەھلى چېن X قاتارلىق يەتتە كىشىنىڭ «سەيشېن app» توردا قىمار ئويناش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 450 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە چېن X قاتارلىق يەتتە كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

4-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئا Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، تور ئەھلى ئا Xنىڭ ئايال قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم پەيتلىك خەۋەرلىشىش قورالى ئارقىلىق باشقىلارنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 15 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئا Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

 5-دېلو مىسالى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى جيا Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، تور ئەھلى جيا Xنىڭ ئۆزىنىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە ساختا ئېلان ئۇچۇرلىرىنى ھەدەپ تارقاتقانلىقى ھەمدە توردا سودا قىلىش شەكلىدە باشقىلارنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 4000 يۈەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جيا Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

6-دېلو مىسالى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى ياڭ Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى ياڭ Xنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى QQ توپىدا سىنىپ مۇدىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ماتېرىيال ھەققى يىغىشنى باھانە قىلىپ، توپتىكى ئائىلە باشلىقلىرىنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 5516 يۈەن. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-بنىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ياڭ Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

7-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى شا Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، تور ئەھلى شا Xنىڭ ئۆيىدە ساتىدىغان 140تىن ئارتۇق قوي بار ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، توردا سودا قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باشقىلارنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە شا Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

8-دېلو مىسالى: سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى ماۋ Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، تور ئەھلى ماۋ Xنىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش قورالى ئارقىلىق غۇلجا شەھىرىدىكى تور ئەھلى لى X بىلەن مۇھەببەتلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن «پۇل ئارىيەت ئېلىش»نى باھانە قىلىپ باشقىلارنى ئالدىغانلىقىنى پاش قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما جەمئىي 600 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە شا Xنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

9-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى تۇ Xنىڭ تور ئالدامچىلىقى دېلوسى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، تور ئەھلى تۇ Xنىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش توپى «توپ مال سېتىش» گۇرۇپپىسىدا باشقىلار بىلەن تونۇشۇپ، مال سېتىش ھەققىگە 120 يۈەن ئېلىشنى باھانە قىلىپ باشقىلارنى ئالدىغانلىقى، سودا ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى دەرھال قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەنلىكىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە تۇ Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

10-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى جاڭ Xنىڭ پىنتە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، تور ئەھلى جاڭ Xنىڭ پەيتلىك خەۋەرلىشىش توپىدا «شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 22گە كۆپەيدى، 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تاقىلىدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە تۇ Xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى ھەمدە ئۇنى سۇپىدا پاكىتنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، يازمىنى ئۆچۈرۈپ كەچۈرۈم سوراپ، تەسىرنى تۈگىتىشكە بۇيرۇدى.

11-دېلو مىسالى: «Yumur سۇپىسى» قاتارلىق مىللىي تىلدىكى 37 ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى

يېقىنقى مەزگىلدە، تور ئەھلى «Yumur سۇپىسى» قاتارلىق مىللىي تىلدىكى 37 ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئەگەشكۈچىلەرنى يىغىش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈرۈمچىدە بۈگۈن بىرىنچى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر» دېگەن تېمىدىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى پاش قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماقالىلەردا مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ماۋزۇلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، مەزمۇن بىلەن تېمىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ماس كەلمىگەنلىكى، تور ئېكولوگىيەسىگە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، تور ئۇچۇرى تارماقلىرى قانۇن بويىچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 37 ھېسابات نومۇرىنىڭ ئاساسلىق بېجىرگۈچىلىرىنى مەمۇرىي چاقىرتىپ سۆزلەشتى.

12-دېلو مىسالى: «izdan731» قاتارلىق 25 ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى

يېقىنقى مەزگىلدە، تور ئەھلى «izdan731» ،«alxirttv» ،«dawrim saloni» قاتارلىق 25 ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ كۆپ قېتىم يازما، سۈرەت، سىن قاتارلىق شەكىللەردە پەسكەشلىك، چاكىنىلىق، خۇشامەتچىلىكنى تارقاتقانلىقى، تەرغىب قىلغانلىقى، جىنسىي بىشارەت، جىنسىي ئەركىلەش قاتارلىق كىشىدە ئاسانلا جىنسىي تەسەۋۋۇر پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلار بىلەن تولغانلىقى، تور ئېكولوگىيەسىگە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، تور ئۇچۇرى تارماقلىرى قانۇن بويىچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 25 ھېسابات نومۇرىنىڭ ئاساسلىق بېجىرگۈچىلىرىنى مەمۇرىي چاقىرتىپ سۆزلەشتى.

تور ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە چېتىلىدىغان ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال - ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر ھەمدە پىتنە-ئىغۋا، پاھىشۋازلىق، شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش، قاتىللىق ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئومۇمەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، شەخسلەر ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ياردەملىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. ھەرقايسى تور بېكەتلىرى، سۇپىلار ھەم كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، قانۇن بويىچە تور ئېچىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

پاش قىلىش ئۇسۇلى:

تور ئادرېسى: www.xjwljb.com

تېلېفون نومۇرى: 2384777-0991

ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: jbzx@cax,gov.cn

ۋېيبو: @ شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110


图片

图片

ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ

图片





来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:张伟




WWW.Alkuyi.Com


分享到: