|
يەنە 23 بىمار كۆپەيدى!發表時間:2020-12-20 17:39來源:دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 0دىن 24 كىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ دوكلاتىدا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار 23 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن كېسەل 22 (شاڭخەي 11، بېيجىڭ 2، ئىچكى موڭغۇل 2، شەنشى 2، جېجياڭ 1، فۇجيەن 1، خېنەن 1، گۇاڭدۇڭ 1، سىچۈەن 1) ، يەرلىك كېسەل بىر (لياۋنىڭ) ، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەل يوق؛ شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 21 گە يەتتى، تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلغان زىچ ئۇچراشقانلار 650 كە يەتتى، ئېغىر كېسەللەر ئالدىنقى كۈندىكىدىن ئىككىسى ئازايدى. چېگرا سىرتىدىن ھازىر ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەل 267 (بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەل 4) گە، گۇمانىي كېسەل 3 كە يەتتى. ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار 4115 كە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 3848 گە يەتتى، ئۆلگەنلەر يوق. |
|