|
بايدىن ۋاكسىنا ئەملەتتى發表時間:2020-12-22 11:01來源:中央广播电视总台央视新闻客户端 环球网 海外网 شۇ جاي ۋاقتى 21-دېكابىر چۈشتىن كېيىن، بايدېن دېلاۋار ئىشتاتىدا تۇنجى يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى ئاشكارا ئەملىدى ھەم ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى بىۋاسىتە تارقاتتى ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بايدېن نەق مەيداندا يەنە ۋاكسىنا ئېچىش ۋە تارقىتىشقا قاتناشقان خادىملار ۋە بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: « بىز بۇ كىشىلەرگە بەك كۆپ قەرز بولۇپ قالدۇق. » دېدى. بايدېن يەنە مۇنداق دېدى: « مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم شۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، كىشىلەر تەييارلىقنى ياخشى قىلىشى كېرەك، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋاكسىنا بار چاغدا، ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك. ئەنسىرەيدىغان ئىش يوق. مەن ئىككىنچى يىڭنىنى ساقلاۋاتىمەن، جىرمۇ شۇنداق. » ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ۋاكسىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش تېخى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. |
|