新聞詳情

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيە 110309 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

發表時間:2020-12-21 12:54作者:ئەلكۈيى تورى來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

11-ئاينىڭ 10-كۈنى، « قوش رەڭلىك توپ» 2020112-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 14 دو 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ، 263 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە باشقا مۇقىم مۇكاپاتلار چىقتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى، ئۈرۈمچى شەھىرى 65010515 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندىم، ئۇ ئىككى يۈەنلىك«قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى بىلەن بەختكە يارىشا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 110309 يۈەن بولدى.

11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى، ئۇ ناھايىتى تەمكىن ئىدى، ئۇ خورسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن مۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، خالىغانچا ئاپتوماتىك نومۇرىنى تاللىغاندىن كېيىن، مەنمۇ بىر قېتىملىق كاتتا مۇكاپاتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقتىم.»، جاڭ ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ خېلى بۇرۇنلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچرىشىپ، لاتارىيە سېتىۋېلىپ بۈگۈنگە قەدەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، گەرچە بەزىدە ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان نومۇر بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋالسا ئۆزىنى خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى، ھەمدە باشقىلارغا ياردەم قىلىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئىدىيەسى ئىلگىرىكى بىلەن زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ، نومۇر تاللاش تېخىمۇ ئەركىن، دو تىكىش تېخىمۇ ئاقىلانە، مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ. ئەمەلىيەتتە بەزىدە ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى خۇددى شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىر بېشىدا ئۈمىد ۋە ئارزۇ، يەنە بىر تەرىپىدە مۇھەببەت ۋە مېلودىيە بولىدۇ. سىز قانچە تىنچ بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئاۋازىنى شۇنچە ئېنىق ئاڭلىيالايسىز، شۇڭا سىزنىڭ لاتارىيە سېتىۋالغاندىكى روھىي ھالىتىڭىز تەمكىن بولسا تەلەينى چىللىمىسڭىزمۇ ئۆزى كىلىدۇ.

1.png

分享到: