|
مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش، قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش發表時間:2020-12-22 13:11來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى __ ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى «مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش، قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ لىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى (سولدىن ساناپ ئىككىنچىسى) 11 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى «مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش، قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى مۇراسىمى تېكەس ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ لىڭ، تېكەس ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي يەنجۇڭ، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى فۇ چۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر مۇراسىمغا قاتناشتى. زىمىستان قىش كېلىشى بىلەن، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى يېزىدىكى (قىيىن ئەھۋالدا قالغان) بالىلار، ئۆيلەردىكى (يېتىم-يېسىر) ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، بۇ قېتىمقى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى سەككىز ناھىيە، ئۈچ شەھەردىكى يېزىدىكى 3000 ياشانغان كىشى، بالىلار ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغان مۇلازىمەت ئوبيېكتىغا 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى توك ئەدىيال تارقىتىپ بەردى. 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن، 3000 دانە توك ئەدىيال ياردەمگە ئېرىشكەن ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ قەھرىتان سوغۇققا تاقابىل تۇرىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ئارقىلىق، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان (قىيىن ئەھۋالدا قالغان) بالىلار، ئۆيلەردىكى (يېتىم-يېسىر) ياشانغانلارغا ئىجتىمائىي چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتتە «ئالاھىدە ئائىلىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىغان. ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ لىڭ قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ۋەكىللىرىگە توك ئەدىيال تارقىتىپ بەردى. مۇراسىمىدا ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇ لىڭ مۇنداق دېدى: يېزىلاردىكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى يېتىم-يېسىر ۋە ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەممە ئائىلىگە چېتىلىدىغان ئىجتىمائىي سىستېما قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە. چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، ياشانغانلارنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، ياشانغانلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ گۈل ـ غۇنچىلىرى ۋە كەلگۈسى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى قۇرغۇچىلىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى. بىز ياشانغانلارنىڭ دائىم ئويلىغىنى بولۇشىنى،خۇشال بۇلىشىنى چىن دىلىمىزدىن تىلەيمىز. بالىلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز»-دېدى. تېكەس ناھىيىسىدىكى چىرايىدىن بەخت تۇيغۇسى چىقىپ تۇرىدىغان قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار. ياردەمگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر بوۋاي ئۆمەرئاخۇنغا كىشلەرگە ۋەكىل بۇلۇپ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى:«مەن بىر ئىگە-چاقىسىز ياشانغان كىشى، بۇ يىل 80 ياشقا كىردىم. بۇ بىر نەچچە يىلدا، قورسىقىم توق، كىيمىم ئىسسىق، تۇرىدىغان ئۆيۈم بار بولدى، ئاغرىپ قالسام داۋالىنىمەن، ھەممىسى پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغانلىقىمنىڭ ياخشى نەتىجىسى! بۈگۈن مەن بارلىق قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ۋە بالىلارغا ۋاكالىتەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قەھرىتان سوغۇقتا بىزگە غەمخورلۇق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن! ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. قىشتا يېزىدا ئىسسىنىش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر چوڭ مەسىلە. ھازىر توك ئەدىيالنى قولۇمغا ئالساملا بەدىنىم ئىسسىپلا قالماي يۈرۈكۈممۇ ئىسسىيدۇ!»-دېدى. ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى فۇ چۈەن مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: بىز جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مېھىر-شەپقەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلىش قوشۇنىغا قاتنىشىپ، سەمىمىيلىك بىلەن جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇپ ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەتنى يەتكۈزۈپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ياشانغانلارغا ۋە بالىلارغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!»-دېدى. |
|