|
ئامەتلىك لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندىم 3D ئۇيۇنىدا 201000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى發表時間:2020-12-22 17:38來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى بىر لاتارىيەچى مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سەن بىرەيلەننىڭ 100 پىرسەنت مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشەنمىسەڭ، ئۇنداقتا سېنىڭ كۆرگەن-بىلگىنىڭ ئاز دېسەك بۇلىدۇ؛ ئەگەر سەن باشقىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنىلا كۆرۈپ ئۆزۈڭ ھەركەتلەنمىسەڭ، ئۇنداقتا سەن پەقەت بىر خېرىدار خالاس، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيسەن؛ ئەگەر سەن مەلۇم بىر نومۇرغا نىسبەتەن «ھېسسىياتىڭ» بولسا، مەن ساڭا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمەن! لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنىنىڭ سادىق مەستانىسى بۇلۇپ، ھەمىشە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ئۈن-تىنسىز قوللايدۇ، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىغا ئالاھىدە ئامراق. جاڭ ئەپەندى سودىگەر بولۇپ، بوش ۋاقىتلىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىغا كىرىپ 3D ئويۇنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 3D ئويۇنى ھازىر سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتى قىلىۋاتقان بۇلۇپ، جاڭ ئەپەندى تېخىمۇ روھلىنىپ كەتكەن ئىدى. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ فۇيوۋ كوچىسىدىكى 137-نومۇرلۇق قورۇغا جايلاشقان 65015040 پاراۋانلىق لاتارىيەسى بېكىتىگە كىردى، 3D يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتتى، جاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئالدىنقى 10 سان «قوشماق نومۇر» بىر قەدەر كۆپ چىققان، سوغۇق نۇمۇرلارنى تاللىماسلىق ئۇنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن دو تىكىش ئۇسۇلى. شۇڭا جاڭ ئەپەندى ئالدى بىلەن دو تىككەن نومۇرنىڭ ئورنىنى «قوشماق نومۇر» قىلىپ بېكىتتى، يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، 844 بۇ نومۇر جاڭ ئەپەندىنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يان تېلېفونىنىڭ ئاخىرقى نومۇرى 844 ئىدى. شۇڭا جاڭ ئەپەندى كەسكىنلىك بىلەن 3D ئۇيۇنى 844 نۇمۇرغا 150 ھەسسە دو تىكتى. جاڭ ئەپەندى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، چۈشتىن كېيىن سېتىۋالغان 3D نومۇرىنى ئېسىگە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن يانفۇننى ئېلىپ تەكشۈرۈدى. يان تېلېفوننى ئاچقاندىن كىيى جاڭ ئەپەندى خېلى ئۇزاق داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئايالى ئۇنىڭدىن نېمىگە قاراۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، جاڭ ئەپەندى دەرھال خوتۇنىنى بىرلىكتە سېلىشتۇرۇشقا چاقىردى، ئاخىرى ئۆزى دو تىككەن 3D نومۇر 844 شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن دەرھال قانچە پۇل مۇكاپات چىقىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقتى، 3D ئۇيۇنى بۇ قېتىمقى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنىڭ قائىدىسى بويىچە، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى ئەسلىدىكى 1040 يۈەن ئاساسىدا، نورمىدىن سىرت 300 يۈەن سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇكاپات پۇلى قوشۇپ بېرىلدۇ، شۇڭا جاڭ ئەپەندى ئېرىشكەن 150 ھەسسە 3D ئۇيۇنى مۇكاپاتى جەمئىي 201000 يۈەن (قۇشۇپ بېرىلگەن 45 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بۇلىدۇ. « لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان، نەچچە مىڭ يۈەن ۋە نەچچە ئون مىڭ يۈەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ باققان ئىدىم، لېكىن بىراقلا 200 نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىششىم، بۇ تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش، شۇڭا ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇنداق ئامەتنىڭ داۋاملىق كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى جاڭ ئەپەندى. ![]() |
|