|
شىخەنزە شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى發表時間:2020-12-23 14:09來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى 11- نويابىر پۈتۈن مەملىكەت مال سېتىۋېلىشقا قاتنىشىش شادلىقىغا چۆمدى، كۆپچىلىك مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل يىغىۋاتىدۇ. بۇ كۈنى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ شىمالىي شەرقىي 4- يولى شياڭگېلىلا ئولتۇراق رايونىدىكى 65030043 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىمۇ ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 9-ئايدا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن سادىق لاتارىيەچى لى ئەپەندىمۇ بار ئىدى، ئۇ پوكەي ئالدىدا تۇرۇپ مال ساتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئاددىي ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، لى ئەپەندى كۆرگەزمە ئىشكاپىدىن بىر دانە« ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» نى تاللاپ چىقتى، بىر تال قىرغۇچ تاختىسىنى ئېلىپ بېلەتنى قىرىشقا باشلىدى. ئەمدىلا ئىككى دانە مۇكاپات نومۇرىنى قىرىپ بولغاندا، قىزى تۇيۇقسىز كىرىپ، جىددىي ئىشى بار دەپ دادىسىنى دەرھال ئۆيگە ئېلىپ كەتتى. لى ئەپەندى ئامالسىز قېلىپ، دۇكاندىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىنى ئىزدەپ، بۇ بېلەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئاندىن قىزى بىلەن كېتىپ قالدى. ۋاڭ ئەپەندى لى ئەپەندىنىڭ ئورنىدا بۇ بېلەتنى سېتىۋالدى، ئۇ بېلەتنى ئېلىپ «مۇكاپات نومۇرى» نى ئىنچىكىلىك بىلەن پاكىز قىرىۋەتكەندىن كېيىن داۋاملىق قىرىشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ بىرىنچى قۇردىكى تۇنجى سان بىلەن « مۇكاپات نومۇرى» دىكى 29 ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ـــ «ھەي، ئەمدى ھەرقانچە قىلىپمۇ دەسمايىنى ساقلاپ قالالغاندىمە!»ــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى ئۆز ـ ئۆزىگە. كىم بىلسۇن، يەنە ئازراق قىرغاندىن كىيىن مۇكاپات پۇلىنىڭ 10 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ۋاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:« لاۋ لى بۇ قېتىم چوڭ زىيان تارتتى، مەن شۇنچە چوڭ پايدىغا ئېرىشتىم!»، دۇكاندىكى باشقا لاتارىيەچىلەرمۇ بەس ـ بەستە مۇنازىرلەشتى، ۋە كېلەر قېتىم لى ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا بېلەت تاللىشىپ بېرىشنى ئېيتىمىز دېيىشتى. ۋاڭ ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ قېتىم مۇكاپات چىققاندىن كىيىن ئۇ پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئويىنىڭ تېخىمۇ قەتئىي بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى بىلدۈردى. |
|