新聞詳情

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ساقلاش كېرەك

發表時間:2020-09-21 19:59作者:ئ‍ەلكۈيى تورى來源:سىنا تورى

دۇنيا بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى كارمېن رېيىنخارتنىڭ 17-سېنتەبىر بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇم كىرىزىسىدىن ئەسلىگە كېلىشىگە بەش يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

كارمېنت رېيىنخارت مادرىدتىكى بىر يىراق مۇساپىلىق يىغىنغا قاتناشقاندا: «يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ قامال قىلىشقا ئالاقىدار بارلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىر مەزگىل تېز سۈرئەتتە قاڭقىش مەزگىلى بولىشى مۇمكىن. ئەمما پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن بەش يىل ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى.

كارمېن رېيىنخارتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىرىزىستىن كېيىن دۇنيانىڭ نامراتلىق نىسبىتى ئۆرلەيدىكەن، 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېشىش كۆرۈلىدىكەن.

2020092109595030787.jpgthumb_210_150.jpg

ئىسپانىيە «ئاۋانگارت گېزىتى» تور بېتىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى بۇ ھەپتە بىرلا ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ يامرىشىنىڭ تەسىرىگە بولغان ئاپەت خاراكتېرلىك پەرىزىنى تەڭشىگەن، دۇنيا بانكىسىمۇ 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سوغۇق سۇ سەپكەن. دۇنيا بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى كارمېن رېيىنخارد ئاگاھلاندۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىچە ئېيتقاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇم پەيدا قىلغان كىرىزىستىن پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىشىنى يەنە ساقلاش كېرەك ئىكەن.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر رېئاللىق بار. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى كىرىزىس سەۋەبلىك دۇنيادىكى ئىنتايىن نامراتلار سانىدا 1998-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆپىيىش كۆرۈلىدىكەن. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، نامرات نوپۇس يېڭىدىن تەخمىنەن 100 مىليون كۆپىيىدىكەن، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ نوپۇسىنىڭ يىغىندىسىغا باراۋەر ئىكەن ھەمدە كارمېن رېيىنخارتنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەنىلا تۆۋەن مۆلچەر ئىكەن.

دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2020-يىلى دۇنيا ئىقتىسادى %5.2 چېكىنىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ 80 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر چېكىنىش بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا 1918-يىلدىكى چوڭ يۇقۇملۇق زۇكام پەيدا قىلغان تەسىردىن، 2008-يىلدىن 2009-يىلغىچە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ئۇچرىغان زەربىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ.


分享到: