新聞詳情

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە ئايالىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى، يوقۇملاندى

發表時間:2020-10-02 16:43作者:خەلقئارا來源:يەر شارى تورى

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزى ۋە ئايالى مېلانىيانىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى (يۇقۇملانغانلىقىنى)، شۇنداقلا دەرھال ئايرىپ كۆزىتىش ۋە داۋالاش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، تىرامپ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال ياردەمچىسى خوپ خىكس (Hope Hicks)نىڭ ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئارقىدىنلا ئۆزى ۋە ئايالىمۇ ۋىرۇس تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تىرامپ ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا يۇقۇملانغانلىقىنى دەلىللىگەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دەرھال ئايرىش ۋە داۋالاش خىزمەتلىرىگە تۇتۇش قىلغان.

كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ناھايىتى تېزلا تىرامپنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئىگىلىنىشچە، تىرامپنىڭ يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاقسارايدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار، ھەتتا مۇخبىرلارمۇ ھەر كۈنى ۋىرۇس تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەن، بىۋاستە ئۇچراشقان، ھەمدە كۆرۈشۈشنى ئالدىن كېلىشكەن كىشىلەردىنمۇ دەرھال ۋىرۇس تەكشۈرتۈش تەلەپ قىلىنغان.

ئەڭ يېقى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تىرامپنىڭ يېقىندا زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتى قاتارلىق خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغان، بۇ ئەھۋال دەل ئۇنىڭ بۇنچە ئاسان يۇقۇملىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەلق گېزىتى ئۇندىدار سالونىمۇ ترامپنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 00:54 ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا دەرھال ئايرىپ كۆزىتىش ۋە داۋالاش باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاراتقۇلاردىن يەنە يەرشارى شەخسلەر ئۈندىدار سالونىمۇ ترامپنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە بىر خەۋەر:

يېقىندا ئامېرىكا تەرەپ ئاق ساراي ۋە زۇڭتۇڭ تىرامپقا ئەۋەتىلگەن بىر پارچە خەتنى قولغا چۈشۈردى. تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بۇ خەتتە ئابدىمىلىك زەھىرى بار ئىكەن.
ئەمەلىيەتتە، بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭغا ئەۋەتىلگەن تەركىبىدە ئابدىمىلىك زەھىرى بار خەت-چەكلەرنى قولغا چۈشۈرۈشى ئەمەس.
2013-يىلى مىسسىسىپى ئىشتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئەر ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە كېڭەش پالاتاسىغا تەركىبىدە ئابدىمىلىك زەھىرى بار خەت-چەك ئەۋەتكەن.

قائىدە بويىچە، بارلىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە ئاق سارايغا ئەۋەتىلگەن خەت-چەكلەرنى ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش مەركىزىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن خەت ئىگىسىگە ئەۋەتىلىدۇ. بۇ ئىككى قېتىملىق خەتمۇ مۇشۇ تەكشۈرۈش مەركىزىدە قولغا چۈشكەن.
ئابدىمىلىك زەھىرى بىر خىل ئۆتكۈر زەھەرلىك بىرىكمە بولۇپ، بۇ زەھەر پەقەت ئاز مىقداردا ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنسىلا ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىشىشىنى، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشىنى ۋە ئېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا زەھەرلەنگۈچى ئۆلۈپ كېتىدۇ.


分享到: