|
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپقا تېلېگرامما ئەۋەتتى發表時間:2020-10-02 19:36 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۆزى ۋە ئايالى مېلانىيەنىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشىنىڭ مۇسبەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، زور دىققەت-ئېتىبارنى قوزغىدى. رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ يېڭى خەۋىرى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ترامپ ئەر-خوتۇننىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى، بۇ مۈشكۈل پەيتنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كرېمل سارىيى ترامپنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پىسكوف ترامپنىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندە مۇنداق دېگەن: « ئەلۋەتتە، بىز زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز. » دېدى. |
|