|
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى!發表時間:2020-08-28 18:44來源:شىنخۇا تورى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئابې شىنزو ئۆزىنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كونا كېسىلى يەنى يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىگەن. ئابې شىنزو بېجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16دە باش ۋەزىر سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ ۋاقىتلىق باش ۋەزىر ۋاكالەتچىسى تەسىس قىلمايدىغانلىقىنى، كېلەركى باش ۋەزىر سايلىنىپ چىققۇچە ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابې شىنزو مۇشۇ ئاينىڭ 24 -كۈنى ياپونىيەنىڭ ئۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن باش ۋەزىرى بولۇپ قالغان. بىراق ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يېقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بىر ياپونىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابې شىنزو 7-ئايدا قان تۈكۈرگەن. مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى دوختۇرخانىدا يەتتە سائەتتىن ئارتۇق «سالامەتلىك تەكشۈرۈتكەن»، 24–ئاۋغۇست ئوخشاش دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاڭلىغان ھەمدە تېخىمۇ كۆپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان. كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ (kyodo news) بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە، ئابې شىنزو بىرىنچى قېتىملىق ئىچكى كابىنېتتا مەزگىلىدە، يارا خاراكتېرلىك چوڭ ئۈچەي ياللۇغى كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن دورا بىلەن داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولۇشىغا ئەگىشىپ، 2012-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ئىزچىل ئېغىر خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ياپونىيە «يېڭى ئېقىم» ژۇرنىلى تەھرىراتىمۇ ئابې شىنزونىڭ 17-ئاۋغۇست دوختۇرخانىغا كىرىشى ئۇنىڭ «كونا كېسىلى» يارا خاراكتىېرلىك چوڭ ئۈچەي ياللۇغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ئابې شىنزو (あべしんぞう 安倍晋三) ياپونىيەنىڭ توكيو شەھرىدە 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، 2006-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم باش ۋەزىر بولۇپ، ئەڭ ياش باش ۋەزىرگە ئايلانغان. ئەمما 2007-يىلى 9-ئايدا تۇيۇقسىز سالامەتلىك سەۋەبى بىلەن باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن، 2012-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ئابې شىنزو ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنى باشلاپ، قايتىدىن ياپونىيە باش ۋەزىرى بولغاندىن كېيىن ئۇدا بۈگۈنگىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن، توكيو ۋاقتى 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. |
|