新聞詳情

سىز بىلىدىغان بۇ ماركىلار 1000دىن ئارتۇق دۇكىنىنى تاقىماقچى

發表時間:2020-10-08 19:30作者:ئەلكۈيى تورى來源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


يېقىندا، تېز مودا ماركىسى ZARA نىڭ ئانا شىركىتى Inditex ئۆزىنىڭ 31-ئىيۇلغىچە بولغان 2020-يىللىق مالىيە يېرىم يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، Inditex گۇرۇھى 195 مىليون ياۋرو ساپ زىيان تارتقان بولۇپ، بىرىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدا 2021-يىلى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 1000 دىن 1200 گىچە دۇكىنىنى تاقاشنى پىلانلىغان، تاقىۋېتىلگەن دۇكانلار ئاساسلىقى ئاسىيا ۋە ياۋروپا رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن.

ئىگىلىنىشىچە، Inditex قارمىقىدا ZARA ،PULL& BEAR، Bershka قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار بار ئىكەن.

ۋۇخەندە ئۈچ ZARA دۇكىنى بار بولۇپ، مۇخبىر ۋۇچاڭدىكى چۇ خېخەن كوچىسىغا ئورۇنلاشقان ZARA دۇكىنى ئىچىدە نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى، ياشلارنىڭ كۆپرەك ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ بىر قېتىمدىلا نۇرغۇن كىيىم سېتىۋالغانلىقىنى كۆردى.

ئەمدىلا كىيىم سىناش ئۆيىدىن چىققان خېرىدار ليۇ خانىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، باھاسى مۇۋاپىق، پاسونى كۆپ خىل بولغان تېز مودا ماركىلار   ئۇنىڭ كىيىم-كېچەككە بولغان تەلىپىگە ناھايىتى ماس كېلىدىكەن، شۇڭا ئۇ بىر قەدەر كۆپ سېتىۋالىدىكەن. بىراق ئېتىبار باھادا سېتىلىدىغان كىيىملەر رايونىدىكى تاللاپ سېتىۋالىدىغان خېرىدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ZARA تېز مودا ماركىلار ئىچىدە كىيىملىرىنىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى ماركا ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىملىرىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە تىكىلىشى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەدەن شەكلى ئورۇق ئېگىز كىشىلەرگە بەكرەك ماس كېلىدىكەن.

بۇ دۇكاننىڭ خىزمەتچىسى توردا تارقالغان دۇكان كۆلىمىنىڭ كىچىكلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، دۇكاننىڭ تىجارەت ئەندىزىسى ۋە كۆلىمىدە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

ZARA دىن باشقا، Inditex بايرىقى ئاستىدىكى باشقا ماركىلاردىمۇ ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟

چۇ خېخەن كوچىسىدىكى ZARA دۇكىنىنىڭ ئەتراپىدا، يەنە Inditex قارمىقىدىكىPULL& BEAR ، Bershka قاتارلىق دۇكانلارمۇ بار ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى يەنىلا نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، دۇكاندارمۇ ۋاقتىنچە تەڭشەش پىلانى بارلىقىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر توردا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مىڭدىن ئارتۇق دۇكاننى تاقاش پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، Inditex گۇرۇھىنىڭ توردىكى كەسىپنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىغان. 2020-يىللىق مالىيە يېرىم يىللىق دوكلاتىدا، Inditex گۇرۇھى تەكىتلەپ: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلېكتىرونلۇق سودا كىرىمىنىڭ %74 ئېشىپ، ئىسكىلات قالدۇقىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %19 ئازايغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇخبىر توردا تارقالغان تەڭشەش خەۋىرىگە قارىتا Inditex شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنى زىيارەت قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «Inditex پىلان بويىچە پۈتۈن يەر شارىدا جەمئىي 6700 دىن 6900 گىچە بولغان كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك دۇكانلارنى ساقلاپ قالىدۇ، بۇ 450 يېڭى دۇكاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ يېڭى دۇكانلارغا ئەڭ ئىلغار بىرىكتۈرۈش تېخنىكىسى سەپلەنگەن. مەسىلەن، بىز جۇڭگودا يېڭى ZARA بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭ بايراقدار دۇكىنى ئاچىمىز، ئۇ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ZARA دۇكىنى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار دۇكان ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز 1000 دىن 1200 گىچە كىچىك تىپتىكى دۇكاننى قوبۇل قىلىمىز، بۇ دۇكانلاردىكى ماللارنىڭ سېتىلىشى ئومۇمىي سېتىش سوممىسىنىڭ% 5دىن% 6گىچە ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇكانلارنىڭ ئورنى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، خېرىدارلارنى يېڭى ماللار بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىگىلى بولمايدۇ. تاقىلىدىغان بۇ كىچىك دۇكانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قەدەر كونا بولۇپ، ئاساسلىقى گۇرۇھ بايرىقى ئاستىدىكى ZARA دىن باشقا داڭلىق ماركىلىق دۇكانلارمۇ بار. ئەمدى، Inditex جۇڭگو بازىرىدىكى بىر قىسىم Bershka, Pull&Bear   ۋە Stradivarrius قاتارلىق ياش ماركىلارنىڭ تور سۇپىلىرىغا بولغان سېلىنمىسى ۋە تەرەققىياتىنى كۈچەيتىدۇ.ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، Inditex گۇرۇھى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان «2022HORIZON» ئېشىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، 2 مىليارد 700 مىليون ياۋرو مەبلەغ سېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك قوللاشقا ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليارد ياۋرو مەخسۇس رەقەملەشتۈرۈش يولىغا ئىشلىتىلىدۇ، 1 مىليارد 700 مىليون ياۋرو يول بىرىكتۈرۈش تېخنىكا سېلىنمىسىغا ئىشلىتىلىدۇ. بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە، توردا سېتىشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2019 ـ يىلىدىكى %14 تىن 2022-يىلىدىكى %25 كە ئۆستۈرۈلىدۇ، تولۇق بىرلەشتۈرۈلگەن تور ۋە تور سىرتىدىكى دۇكان تورىنىڭ قوللىشىدا، بىزنىڭ كەسىپ ئەندىزىمىز تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولىدۇ.»


分享到: