|
تالانتلىق دوختۇر ئۆلۈشتىن بۇرۇن يازغان كىتاب سىزگە نۇرغۇن نەرسىنى بىلدۈرىدۇ發表時間:2020-10-09 11:38來源:nur.cn بۇ تالانتلىق دوختۇر ئۆلۈشتىن بۇرۇن يازغان كىتاب ھەر بىر كىشىگە ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇتېخى يېقىنقى بىر مەزگىلدىلا دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلىق كىنوسى «قارا قاپلان» نىڭ ئەر باش قەھرىمانى چادۋىك بوسېمەن بوغماق ئۈچەي راكى بىلەن 43 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بەلكىم شۇتاپتا كۆز ئالدىڭىزدا ئۇنىڭ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3 ۋە 4» تىكى باتۇرلۇقلىرى، ۋاكاندادا ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك ئۇرۇش مەنزىرىلىرى نامايان بولغان بولۇشى مۇمكىن. بەدىنى قاملاشقان، كۆزلىرىدىن قەتئىيلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە رەھبەرلىك كۈچىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قارا قاپلانمۇ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغاندا پۈتۈنلەي ئامالسىز ھالدا قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر خۇددى ماڭا ئوخشاش ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ «قارا قاپلان»، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3» ۋە «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4» تىنچى قىسىمنى ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتىلا بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولۇشى مۇمكىن. تاكى ئۇ ئۆلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزىنىڭ بۇ كېسىلىنى ئىزچىل تۈردە سىرتقا ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدى. «قارا قاپلان» ناملىق فىلىم قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان نۇرغۇنلىغان ھەرىكەتلەرنى تاماملاشنى تەلەپ قىلىدىغان قەھرىمانلىق فىلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە فىلىمدىكى ۋاكاندا پادىشاھىنىڭ بەدىنى ئىنتايىن ساغلام بولغاچقا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئارتىسلار رولنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى قاتتىق ۋە كۆپ مىقداردا مۇسكۇل مەشىقى قىلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداق خىزمەت ھەتتا تەلەپچانلىقى بىر قەدەر نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەنمۇ خېلىلا قىيىن بولۇپ، راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دۇنيادىن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرغان بىرەيلەننىڭ ئورۇندىيالىشى ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىش ئىدى. بىراق بوسېمەن راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا چىڭ تۇردى، ھەتتا خىزمەتنى يېڭىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى شۇنداقلا كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بۇرچقا بولغان ئەڭ يۇقىرى پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ خىل روھى ماڭا يەنە داۋالاش ساھەسىدىكى يەنە بىر «قارا قاپلان» دوختۇر پاۋىل كالانىتىنى ئەسلەتتى.
پاۋىل بىر ھەقىقىي بىلىم شەيداسى ئىدى. ئۇ ئىستانفورد داشۆسىدە ئىنگلىز تىلى ئەدەبىياتى ۋە ئادەم بەدىنى بىيولوگىيەسى ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، يەنە كامبرىج داشۆسىدا ئىلمىي دورىگەرلىك تارىخى ۋە پەلسەپە تەتقىقاتى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن، يالې داشۆسىگە بېرىپ مېدىتسىنادا بىلىم ئاشۇردى. بەلكىم دوختۇر دادىسىنىڭ تەربىيەسى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، پاۋىل ئاخىرىدا بىر دوختۇر بولۇشنى تاللىدى ۋە ئاخىرىدا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولدى. نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ئىچىدە قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكىم دوختۇرلار ئىچىدىمۇ ئەڭ رىقابەتكە تولغان ساھە بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ھەر كۈنى ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە ئازراقمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدىغان بولۇپ، چۈنكى سەللا ئېھتىيات قىلمىسا بىمارنىڭ چوڭ مېڭىسى مەڭگۈلۈك زەخىملىنىشى مۇمكىن ئىدى. ھەر ھەپتىدە 100 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش نەتىجىسىدە، پاۋىل ناھايىتى قىسقا ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، نۇرغۇن كىشىلەر يېتىپ بارالمايدىغان مېدىتسىنانىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باردى. 36 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ ئىستانفورد تېببىي شۆيۈەنى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى بولۇشقا ھەمدە ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىدا رىياسەتچىلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشقا شۇنچىلىك قىسقىلا ۋاقىت قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بەدىلىگە كەلگەن نەتىجىلەر ئىدى. لېكىن تەقدىر بەزىدە ھەقىقەتەن قاملاشمىغان چاقچاق قىلىشقا بەكلا ئامراق ئىكەن. ئارزۇلار رېئاللىققا ئايلىنىشقا ھېچقانچىلىك ۋاقىت قالمىغان دەل مۇشۇ دەملەردە، دائىم دۈمبىسى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدىغان پاۋىلغا دوختۇرخانىدا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دېگەن رەھىمسىز دىياگنوز قويۇلدى. ئەسلىدە چەكسىز گۈزەل مەنزىرىلىك باغلاردا سەيلە قىلىشقا تېگىشلىك بۇ قەلب تۇيۇقسىزلا دۇنيادىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۆينىڭ ئىچىگە سولىنىپ قالدى. «ھاياتىمنىڭ بىر بابى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ، بەلكىم پۈتۈن ھاياتلىق كىتابىم ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەن ئەمدى باستېر ياكى چارۋىچى ئەمەس، باشقىلارنىڭ ھايات-ماماتىنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ياردەم قىلالمايمەن». «مەن ئۆزۈمنىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقىمنى، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغانلىقىمنى، ئۆزۈمنىڭ پەقەتلا ئامالسىز قالغان بىر بىچارە قوي ئىكەنلىكىمنى بايقىدىم». «ئېغىر كېسەل دېگەن پەقەتلا كىشىلىك ھاياتىڭىز ئۆزگەرتىش ئەمەس بەلكى كىشىلىك ھاياتىڭىزنى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىشتۇر». «ھازىر مەن چوقۇم ئايلىنىپ كېلىشىم كېرەك». 36يېشىدا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاران يۈز مىڭدىن بىر بولۇپ، ھاياتلىق مۇساپە يولى پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلانغان پاۋىل تۇيۇقسىز ھاياتلىقنىڭ بارلىق ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز بولساممۇ، يەنە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمەن. ئىلگىرىكى دوختۇرلۇق ھاياتىدا، بىمارنىڭ مېڭىسىگە كىرگەن پىچاقنى ئۆزى بىر قوللۇق كونترول قىلىدىغان بىر دوختۇر، مانا ئەمدى ئۆز ھاياتىنى باشقىلارنىڭ كونترول قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل داۋالانغان پاۋىلنىڭ ئۆسمىسى ئازراق كونترول قىلىنغاندىن كېيىن، قەددىنى رۇسلاپ ھەر كۈنى 16 سائەتلىك خىزمىتىنى قايتىدىن باشلىدى ۋە دوختۇرنىڭ بۇرچىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. «ئاشۇ بىردىنلا يۇقىرى پەللىگە چىققان دەقىقىلەر ھېلىمۇ ئېسىمدە ...... كېيىن يەنە ئاغرىق ئازابىدىن ئويغىنىپ كېتىمەن ۋە يېڭى بىر كۈن ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەي ئويلىنىپ كېتىمەن؟» «مەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە پۈتۈنلەي ئامالسىز قالدىم، ۋاز كېچىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدىن يەنىلا مېنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە دەۋەت قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. توغرا، مەن يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلەيمەن. مەن كارىۋاتتىن چۈشتۈمدە، ئالدىمغا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ماڭغاچ، بايىقى سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلىدىم. مەن ئالغا ئىلگىرىلەيمەن، ئالغا ئىلگىرىلەيمەن..... شۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەن بىر قارار چىقاردىم. چوقۇم ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ بولسىمۇ، ئوپېراتسىيە ئۆيىگە قايتىپ بارىمەن.» ئاخىرى قەتئىيلىك بىلەن ئوپېراتسىيە ئۈستىلىگە قايتىپ كەلگەن پاۋىل يەنە ئۆزى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان، ئەمما سىناپ بېقىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئەدەبىي ئىجادىيەتنى قولىغا ئالدى. قەلەمنى شۇنداق قولىغا ئېلىش بىلەن تەڭلا ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى سالامەتلىكىنى ۋە قەلبىدىكى ھېسسىياتىنى توختىماي يازدى، بەزىدە ئۆزىنىڭ 30 نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئويلىنىپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئايالى لۇسى بىلەن يەنە بىر بالىلىق بولۇشنى قارار قىلدى. كىشىلىك ھاياتتا ھەقىقەتەنمۇ تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر چوڭ ئەھمىيەت ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پاۋىلنىڭ بەدىنىدە يەنە يېڭى ئۆسمە پەيدا بولدى ۋە ئۇ ئىلگىرى نىشانلىق داۋالاشقا ئىشلەتكەن دورىلار ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا كار قىلماس بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەقەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغان خىمىيەلىك داۋالاشنى قايتا سىناپ بېقىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ قېتىم پاۋىل ئىنتايىن سالماقلىق بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئوپېراتسىيەنى تاماملىدى ۋە بىمارنىڭ تېرىسىنى مۇكەممەل تىكىپ بولغاندىن كېيىن، ئوپېراتسىيە ئۆيىدىن يېنىپ چىقتى-دە، ئۆزىگە بۇ يەردە يەتتە يىلدىن بۇيان ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بارلىق نەرسىلىرىنى يىغىشتۇردى. ئەپسۇس، خىمىيەلىك داۋالاش ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتكەن پاۋىلنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ناھايىتى تېزلا 18 كىلوگىرام چۈشۈپ، يەنە داۋاملىق داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئامالسىز قالدى. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ ئەمدى يېڭىلا باشلىغان يېزىقچىلىقىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم خىزمىتىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. خىمىيەلىك داۋالاش سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇچىدا يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر خەتنى باسقان ۋاقىتتا بارمىقى بەكلا ئاغرىپ كېتەتتى. ئاخىرى ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭغا سېزىمچان كۇنۇپكا تاختىسى ۋە مەخسۇس ياسالغان پەلەي تېپىپ بەردى. راك كېسىلىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىشى كىشىنى ئىنتايىن ئازابلايدىغان تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن پاۋىل يەنىلا بەزى تاكتىكىلارنى قوللىنىپ تۇرۇپ كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشقا تىرىشتى ۋە داۋاملىق يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. چۈنكى بۇمۇ ئۇنىڭ ئازابنى پەسەيتىشتىكى بىر ئۇسۇلى بولۇپ، قەتئىي ئىرادىسى بىلەن كىتابنى تاماملاشتا چىڭ تۇرغان ئىدى. لېكىن ۋاقىت رەھىمسىز، مەيلى ھاياتنى قانچىلىك مەنىگە تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسۇن، پاۋىلنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنىڭ بارغانسىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى قىل سىغماس ھەقىقەت ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە، پاۋىل بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتتى ۋە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ داۋالاشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى پەقەتلا ئىززەت-ئابرۇيلۇق ھالدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئوپېراتسىيە ئۈستىلى ياكى كېسەلخانىدا ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى شۇ كۈنى، نەپەسلىنىش ماسكىسى ئېلىۋېتىلدى، كۆزەتكۈچمۇ توختىدى، مورفىن پاۋىلنىڭ ۋېنا تومۇرىغا ئېقىپ كىردى. قارىماققا ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى ناھايىتى تۇراقلىق، ناھايىتى راھەتتەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى بۇ بىر نەپەستىن كېيىن ئۇ بۇ دۇنيادىن جىمجىتلا ئايرىلدى. گەرچە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەپىسى شۇ كۈنى شۇ يەردە ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن يازغان «نەپەس ھاۋاغا ئايلانغاندا» ناملىق بۇ كىتاب دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭرى تارقالدى. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ كىتابنى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مەنمۇ ئۆز ھاياتىمنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ پەيتلىرىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم پاۋىلغا ئوخشاش يامان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان شۇنداقلا ئائىلە ئىقتىسادىم ۋە پىسخىكا ھالىتىم زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ تۇرمۇش زەربىسىدىن ئورنىمىزدىن تۇرالماي قالغىلى تاسلا قالدۇق. ئىلگىرى پىلان قىلغان گۈزەل كەلگۈسىمىزگە بارا-بارا بىر سىرلىق قارا پەردە تارتىلماقتا ئىدى. مەن ئەڭ قىيىن كۈنلەردە قالغان شۇ پەيتلىرىمدە، پاۋىلنىڭ كىتابىنى تەپسىلىي ئوقۇدۇم. ئۇ چاغدا مەن ھەمىشە «پاۋىل بۇ كىتابىدا ماڭا نېمە دېمەكچى بولغىيتتى؟» دەپ ئويلايتتىم؟ كىشىلىك ھاياتنىڭ قاراڭغۇ پەيتلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بۈگۈننى ئەسلىسەم، مېنىڭچە دوختۇر پاۋىل ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە كىتابى ئارقىلىق، ماڭا مۇنداق بىر مەنىنى يەتكۈزمەكچى بوپتۇ: كىشىلىك ھاياتتا تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ئەھمىيەت. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، خۈندۈن داشۆسىنىڭ 2020-يىللىق چوڭ دەرسىدە، لى شەنيۇ مۇئەللىم «ھازىر» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكى كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتى كەمچىل بولغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆز قىلدى. ئىنچىكە ئويلاپ باقساق، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار ياساپ چىققان ھاياتلىقنى كۆرسىتىش بەلگىسى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە تەبىئەت دۇنياسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ دۇنيانىڭ ئۆتمۈشىمۇ، كەلگۈسىمۇ يوق، پەقەت ھازىرلا بار ئىكەن. تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىمدا ئوقۇشۇم جاپالىق ئىدى، دائىملا «ئەگەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسام بەختلىك بولىمەن» دەپ ئويلايتتىم. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن پۇلۇمنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە «خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن پۇل تاپساملا بەختلىك بولىمەن» دەپ ئارزۇ قىلدىم. خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىن كېيىن ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەسلىكىنى بايقىدىم ۋە «ئەگەر ئۆز ئالدىمغا بىرەر ئىش قىلسام بەختلىك بولىمەن» دەپ ئويلىدىم ...... ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ شىركىتى بازارغا چىقتى، ئەمما ھەر كۈنى قاتتىق سەرپ بولۇۋاتقان زېھنىم ۋە ئاغرىۋاتقان بېشىمغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ قەيىرىنىڭ بەختلىك ئادەمگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھېچبىر ھېس قىلالمىدىم ۋە يەنە «ئەگەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاشۇ ئاددىي-ساددا ئۆگىنىش كۈنلىرى قايتىپ كەلگەن بولسا نېمىدېگەن بەختلىك بولاتتىم-ھە» دەپ ئويلىدىم. ھاياتلىقنىڭ تەتۈر سانىقى باشلىنىپ بولغان ۋاقىتتىمۇ بىز يەنىلا ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئارىسىدا ھاڭۋاقتىلارچە يۈرمەكتىمىز. يەنە تېخى دائىم «ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق قىلغان بولسام، ھازىر مۇنداق بولمايتتى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گۆشىنى ئۆزىمىز يەيمىز. ئەگەر ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتسىڭىز، ئۇنداقتا قانداق قىلىسىز؟ سىز ئويلىغان شۇنچە كۆپ ئىشلارنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ۋاقىت بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان باغلىنىشىمىزنى بوغۇپ قويدى، ئەگەر بىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولساق، چوقۇم بىر يوچۇق تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يوچۇق دەل ۋاقىتنىڭ يوچۇقى، يەنى ھازىر. پەقەت سىز بۇ يوچۇقنى بايقاپ ۋە ئۇنىڭدىن بار كۈچىڭىز بىلەن قېچىپ قۇتۇلسىڭىزلا، ئاندىن بۇ دۇنيا بىلەن ھەقىقىي باغلىنالايسىز. ئويلاپ بېقىڭ، سىزنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۆتمۈشكە بولغان بارلىق تەشۋىشلىرىڭىز پەقەت ھازىرقى مەلۇم بىر ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن پۈتۈنلەي غايىب بولۇپ كەتمەمدۇ؟ ئويلاپ بېقىڭ، سىزنىڭ ئەڭ بەختلىك ۋاقتىڭىز ئۆتمۈشىڭىزگە پۇشايمان قىلمايدىغان، كەلگۈسىڭىزدىن ئەندىشە قىلمايدىغان، ھازىرقى ئۆزىڭىزدىن رازى بولغان دەقىقىلەر ئەمەسمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭ، سىز پۈتۈن دىققىتىڭىز بىلەن خىزمەت قىلغان ياكى بىر ئەسەرنى ئىجاد قىلىشقا كۆڭۈل قويغان ۋە ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىڭىزدا بىر سوئالنى يېشىشكە پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن كىرىپ كەتكەن ئاشۇ ھالەتلىرىڭىزنى سېغىنمامسىز؟ پەقەت ھازىرغا كۆڭۈل بۆلگەندىلا، بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان باغلىنىشىمىز قايتىدىن باشلىنىدۇ، ئۆزىمىز بىلەن بولغان باغلىنىشىمىزمۇ قايتىدىن ئۇلىنىدۇ. ھازىرقى ھەر بىر ئىشنى ياخشى قىلسىڭىز، ھاياتلىق مۇساپىڭىزنىڭ داۋامىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيسىز. ھازىرقى ھەر بىر كۈنىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، خىيالىڭىزدىكى كەلگۈسىڭىزنى ھەرقانچە قارا بۇلۇتلار قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ھاياتىڭىز ئاخىرلىشىدىغانغا نەچچە كۈنلا قالغان تەقدىردىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ھاياتىڭىزدىن ئەڭ يۇقىرى سۈپەتتە بەھرىمەن بولۇڭ! داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، تالانتىڭىزنى جارى قىلدۇرۇڭ! ھازىرقى ۋاقتىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، ھاياتنىڭ مەنىسى بىلەن ياشاڭ! |
|