新聞詳情

مېسسى كەسپىي ھاياتىدا 1000 توپنى بارلىققا كەلتۈردى

發表時間:2020-10-09 14:57作者:爱酷艺体育來源:懂球帝

2020100910403696623.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 8:30دا، دۇنيا لوڭقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا رايونى تاللاش باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە خاتىرە تېشى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئارگېنتىنا ساھىبخان مەيداندا ئېكۋادور بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئاخىرىدا ئارگېنتىنا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 0:1 نەتىجىدە ئېكۋادور كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتانى مېسسى نۇقتا توپتىن بىرنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى مۇھىم تۆھپىكارغا ئايلاندى، تاراتقۇلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىرگۈزگەن نۇقتا توپ، مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا بارلىققا كەلتۈرگەن 1000-توپى ھېسابلىنىدىكەن.

2020100911064147349.jpg

مېسسى ئۆتكەن يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچرىغان، ئەسلىدە جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىدىن كېيىنكى، دوستلۇق مۇسابىقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان رەسمىي مۇسابىقىلەردە مۇسابىقىدىن چەكلىنەتتى، ئەمما يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە مۇسابىقىدىن چەكلىنىش جازاسىنىڭ مۇددىتى ئاللىقاچان توشۇپ بولغانلىقتىن، ئېكۋادور بىلەن ئوينايدىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى كوماندا كاپىتانى سالاھىيىتىدە مەيدانغا چۈشتى.

10091025117564708.jpg

مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا ئارگېنتىنا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسىنىڭ ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن ئوكامپوس چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسى تەرىپىدىن يىقىتىۋىتىلدى، رىپېر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، مېسسى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، بۇمۇ مېسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى كىرگۈزگەن 71-توپى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مېسسى كەسپىي ھاياتىدا 1000 توپنى بارلىققا كەلتۈردى.

2020100911090970824.jpg

مېسسى بارسېلونادىكى كۇلۇپ ھاياتىدا 634 توپ كىرگۈزۈپ، 255 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن بولۇپ، جەمئىي 889 توپنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدا بولسا 71 توپ كىرگۈزۈپ، 40 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن بولۇپ، جەمئىي 111 توپنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، مېسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇپ ھاياتىدىكى كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى 705 توپقا يەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا 295 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن بولۇپ، جەمئىي 1000 توپنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

2020100910430399852.jpg

ئەمما گېرمانىيە تاراتقۇسى «گېرمانىيە يۆتكىلىش بازىرى تورى»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مېسسى كەسپىي ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر 706 توپ كىرگۈزۈپ، 326 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن دەپ خاتىرىلەنگەن، ئەمما «ماركا گېزىتى» باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى، مېسسىنىڭ بۈگۈن كىرگۈزگەن نۇقتا توپىنى كەسپىي ھاياتىدا بارلىققا كەلتۈرگەن 1000-توپى دەپ خەۋەر قىلىشتى.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن پۇتبول ساھەسىدىكى قولغا كەلتۈرۈش دەرىجىدىن تاشقىرى قىيىن بولغان مۇشۇنداق سانلىق مەلۇماتنى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ پۇتبول چولپىنىنى تەبرىكلەيمىز، ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.


分享到: