|
ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇق تەكشۈرتكۈزسە بولمايدۇ發表時間:2020-12-20 17:48來源:央视 مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 10-دېكابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇقنى تاماملاش ياكى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئېنىق مەنئى قىلىنغان قىلمىشلىرىدىن بىرى بايقالسا بىرى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ دېيىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2019 ـ يىلى 6 ـ ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق توققۇز تارماق «ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويغان، بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىلاردىن تەكرارلىنىش ۋە جازالاش خاراكتېرلىك تاپشۇرۇق بەرمەسلىك، ئاتا ـ ئانىلارغا تاپشۇرۇق بەرمەسلىك ياكى ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇق تەكشۈرتكۈزمەسلىك تەلەپ قىلىنغان. |
|