新聞詳情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىم لىنكولىن ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتتى

發表時間:2020-12-21 21:00作者:ئەلكۈيى تورى來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يېقىندا، ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ۋاڭ ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش زالىغا كەلدى. ۋاڭ ئەپەندىم 20 يۈەنلىك « ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتتى بىلەن لىنكولىن ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مۇكاپات بېلىتى غۇلجا شەھىرى غەربىي چوڭ كۆۋرۈك چىنجياڭ سودا سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئېچىلغان بېلەت سېتىش نۇقتىسىدىن چىققان. مال ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 31-ئۆكتەبىر يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاڭ ئەپەندى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بولۇپ، مال ساتقۇچى ئۇنى بېلەت سېتىش ئۈستىلى يېنىغا كېلىپ ئارام ئېلىشقا چاقىرغان. ۋاڭ ئەپەندى ئازراق ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۈستەل ئەتراپىدا بىر نەچچە ئادەمنىڭ لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ كىشلەرنىڭ ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە كىشىلەر ئارىسىدىن كىچىك مۇكاپات چىقىپ خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كېتەتتى. مانا مۇشۇنداق كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئەسلىدە يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھارغىنلىقىنى يېنىكلەتمەكچى بولدى. ۋاڭ ئەپەندى 20 يۈەنلىك«ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتىدىن ئىككىنىى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى. ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى يۈزىدىكى ئويناش رايونىنى قىرغاندىن كىيىن بىر ماشىنىنىڭ بەلگىسى پەيدا بولدى، بۇ نېمە دېگەن مەنىدە؟ ئۇ يېڭى لاتارىىيەچى بولغاچقا ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتىنى ساتقۇچىغا كۆرسەتتى، ساتقۇچى ئۇنىڭغا ئاپتوموبىل مۇكاپاتى چىققانلىقىنى ئېيتتى، ۋاڭ ئەپەندى بىر مەھەل داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، جىددىيلەشتى ھەم ھاياجانلاندى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە:«مەن لاتارىيە ئويناپ باقمىغان، بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ!»-دېدى.

1.png

分享到: