|
60 يىللىق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى發表時間:2020-12-22 11:37來源:CNR كرىستىيانو رونالدو ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 60 يىللىق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 13-ئايلانمىسىدىكى تاردىنى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان مۇسابىقىدە، پارما كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس 0:4 نەتىجىدە پارمانى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزدى. ئىسپانىيە تاراتقۇسى «ئاس گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى رونالدو بۇنىڭ بىلەن 2020-يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 33 توپ كىرگۈزۈپ بولغان بولۇپ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 60 يىلغا سوزۇلغان رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.رونالدو 1961-يىلىدىكى يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى سىۋورىدىن كېيىن تەبىئىي بىر يىل ئىچىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 33 توپقا يەتكەن تۇنجى توپچىغا ئايلانغان، رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى توققۇز ئايلانما ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 12 توپ كىرگۈزگەن.
|
|