新聞詳情

يىڭى بىر ئەۋلات يول باشلىغۇچى

發表時間:2020-12-23 10:57作者:ئەلكۈيى來源:汽车之家




جېپ ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، يېڭى نۇسخىدىكى يول باشلىغۇچى   ئاپتوموبىلى رەسمىي بازارغا سېلىنغان، يېڭى ئاپتوموبىل جەمئىي يەتتە خىل تىپتا چىقىرىلغان، سېتىلىش باھاسى دائىرىسى 139 مىڭ 800 يۈەندىن 209 مىڭ 800 يۈەنگىچە. يېڭى ئاپتوموبىل ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسلىقى ئىچكى بېزىكى ھەمدە ئىقتىدار تەسىراتىدا تېخىمۇ كۆپ ئەلالاشتۇرۇش قىلغان.

تاشقى قىياپەتتە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ھاۋا كىرىش سالاسۇنىدا خىروم يالىتىلغان كىلاسسىك يەتتە تۆشۈك شەكلىدىكى ياسىلىش شەكلى قوللىنىلغان، ھەربىر تۆشۈكنىڭ پەنجىرىسىمان ئوتتۇرا تورىغىمۇ خىروم يالىتىلغان بېزەك ماسلاشتۇرۇلغان. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئورالمىسىدا قەۋەتكە ئايرىلغان لايىھە قوللىنىلغان، ئۈستى تەرىپىدە كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى ئېغىز ئېچىلىش ياسىلىش شەكلىدە پارقىراق قارا رەڭ ماسلاشتۇرۇش ئىشلىتىلگەن، ئىككى تەرىپىدە يەنە يۇمىلاق شەكىللىك تۇمان چىراغ سەپلەنگەن؛ ئاستى تەرەپ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئېغىزى ياسىلىش شەكلى يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ دالا تۈسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4424/1819/1652mm، ئۇزۇنلۇقى 9mm ئاشقان، ئېگىزلىكى 17mm ئاشقان، ئوق ئارىلىقى يەنىلا 2636mm.

ئىچكى بېزەكتە تۇم قارا ۋە قارا-كۈلرەڭ قوش ئېكران ئىككى خىل رەڭ ماسلاشتۇرۇشنى تاللاشقا بولىدۇ، ئوتتۇرا كونترول سۇپىسىنىڭ ياسىلىش شەكلىدە قەۋەت تۈسى يېتەرلىك، 10.25 ديۇملۇق پۈتۈن سۇيۇق كىرىستاللىق ئۆلچەش سائىتى تەخىسىسىگە ئۈچ بالداقلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول ماسلاشتۇرۇلغان، يەنە لەيلىمە شەكىلدىكى 10.1 ديۇملۇق ئوتتۇرا كونترول مېدىيا ئېكرانى ماسلاشتۇرۇلغان، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى تېخنىكا تۈسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

سەپلىمە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد Uconnect 5 ئۇچۇر مېدىيا سىستېمىسى ھەمدە Intel Apollo LakePremium بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن، ھېسابلاش سۈرئىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. يېڭى ئاپتوموبىلغا يەنە تېڭشۈن TAI 3.0 ئەقلىي ماشىنا سىستېمىسى سەپلەنگەن ھەمدە ئەقلىي ئاۋازلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش باشقۇرغۇچىسى قاتارلىقلار سەپلىنىپ، ئابۇنتلارنىڭ ئادەم-ماشىنا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تەسىراتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن. بىرلا ۋاقىتتا، يانفونغا سىمسىز توك قاچىلاش، سىمسىز CarPlay ۋە بەيدۇ CarLife قاتارلىق مۇنتىزىم سەپلىمىلەرمۇ تولۇق.


ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يېڭى ئاپتوموبىلغا داۋاملىق 1.3Tلىق تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق تۆت سىلىندىرلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 173 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 270 نيۇتون مېتىر، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىدا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى چوڭ سۆرەش تىپىغا يەتتە خوتلۇق قوش مۇفتلىق تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، تۆت چاق سۆرەش تىپىغا توققۇز خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىرىككەن تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، قىسمەن تىپىغا Active Drive ئەقلىي تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى سەپلەنگەن.


分享到: