|
يىرتىلىپ تاشلانغان پۇللار發表時間:2020-12-24 11:16來源:توۋتياۋ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، چېن خانىمنىڭ كەپسىز بالىسى 9200 يۈەن قىممىتىدىكى قەغەز پۇلنى ئويناپ يىرتىۋەتكەن.بانكا مەخسۇس كۆزنەك ئاجراتقان بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار تۆت سائەت سەرپ قىلىپ 9200 يۈەن قىممىتىدىكى بۇزۇلغان قەغەز پۇلنى رەتلەپ، 8500 يۈەن نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. ۋۇخەن شەھىرى شىنجۇ رايونى گۇچېڭ كوچىسى چىڭەن مەھەللىسىدىكى چېن خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ ئىككى بالىسى بار بولۇپ، ئوغۇل بالىسى بۇ يىل تۆت ياشقا كىرگەن، كىچىك قىزىغا بۇ يىل بىر ياش ئىككى ئايلىق بولغان بولۇپ، ئۇ گۇچېڭ كوچىسىدا كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچىدىكەن. ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ كەچ قايتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە سومكا ئىچىدىكى نەق پۇل تەخمىنەن 9000 يۈەندىن ئاشىدىكەن. پۇل بەك يىرتىلىپ كەتكەچكە، ئۇ ئۆزى قول سېلىپ قۇراشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. ھەتتا بىر نەچچە بانكىمۇ قۇراشتۇرۇش بەك تەس دەپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىغان. ئاخىرىدا چېن خانىم ۋۇخەن يېزا سودا بانكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھەرلىك تارماق بانكىسىغا كەلگەن بولۇپ، زال دىرېكتورى تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال بوغالتىرغا ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ كەسىپنى بېجىرىشكە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بوغالتىر 4-نومۇرلۇق كۆزنەكتە مەخسۇس چېن خانىم ئۈچۈن بۇ قەغەز پۇللارنى قۇراشتۇرۇپ بەرگەن. بۇ بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۈەن سۈيفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «چېن خانىم ئېلىپ كەلگەن بۇ تۇتام پۇل بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بىز بەلگىلىك قۇراشتۇرۇش تەجرىبىسى بار خادىملارنى مەخسۇس قۇراشتۇرۇشقا مەسئۇل قىلدۇق، تۆت سائەتتىن كۆپرەك قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرى كىچىك بالىلار پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن يۈز يۈەنلىك 92 پارچە قەغەز پۇلنى قۇراشتۇرۇپ چىقتۇق.» |
|